ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تۇنجى ئۇمۇمىي يىغىنى ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى.

 2010-يىلى 8-ماي شەنبە سائەت 09:45 – 13:00 ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تۇنجى ئۇمۇمىي يىغىنى ئىستانبۇلدا ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى.

2010-يىلى 9-ماي يەكشەنبە سائەت 14:00 -19:00  ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى «ئۇيغۇر پەن-مائارىپى بۇگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى» تىمىلىق تۇنجى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى.  

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تۇنجى ئۇمۇمىي يىغىنى   قىسقىچە كۈن تەرتىپى بۇيۇنچە

 1. ئۇ ئا قۇرۇلغاندىن كېيىنكى خىزمەت ۋە پائالىيەتلەر دوكلات بىرىلدى.

 2. ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى 9 كىشىلىك يېڭى رەھبەرلىك ھەيئەتلىرى دېمىكراتىك ئۇسۇلدا سايلاپ چىقىلدى.

 3. ئۇ ئا يېڭى ھەيئەت ۋە ئەزالىرى بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى كەلگۈسى يول خەرىتىسى بىكىتىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى  تۇنجى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

2010-يىلى 9-ماي يەكشەنبە سائەت 14:00 -19:00 ئارىسىدا ئەمىن ئۈنى خەلىق تەلىم-تەربىيە زالىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى «ئۇيغۇر پەن-مائارىپى بۇگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى» تىمىلىق تۇنجى خەلقئارالىق ئانا تىلىمىزدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى. 200 دەك كىشى قاتناشتى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تۇنجى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى قىسقىچە كۈن تەرتىپى بۇيۇنچە

1. ئۇيغۇر پەن – مائارىپى بۇگۈنكى تەرەققىيات ئەھۋالى

2. ئۇيغۇر پەن – مائارىپى كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن قىلىشقا تىگىشلىك ۋە قىلالايدىغان خىزمەتلەر

3. ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر دوكتۇر ۋە زىيالىي ۋەكىللەرنىڭ ئۆز كەسپى ساھەسىدىكى يېڭىلىقلار ۋە ئۆز كەسپىدىكى تەتقىقاتى
قاتارلىق تىمىلاردا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىپ ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان ۋە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا چەكسىز ئىشەنچ ۋە جاسارەت بېرىلدى.
  بۇ پائالىيەتلەر توغرىسىدا قىممەتلىك پىكىرلىرىڭىز بولسا ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى ھەر زامان ئۇنى ئاڭلاشقا ھازىر.

ئالاقە ئۇچۇرلىرى:

TEL :   0090 212 589 76 67

E-mail: uyghuracademy@gmail.com

- ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى

ئوقۇرمەنلەر ئىنكاسى:

2 ئىنكاس ”ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تۇنجى ئۇمۇمىي يىغىنى ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى.“

  1. خالىق says:

    بىزنى يىغىن مەزمونىدىن خەۋەردەر قىلساڭلار بوپتىكەن

  2. غالىپ says:

    ھاياجان، تارام-تارام ياش …

ئىنكاس قالدۇرۇڭ!