ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى 3-قېتىملىق ئۇيغۇر پەن – مائارىپى بۈگۈنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى تىمىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ 3 – قېتىملىق “ئۇيغۇر پەن – مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى” تىمىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-، 15- كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تەييارلىق خىزمەتلىرى بۈگۈندىن ئىتىبارەن باشلانغان بۇلۇپ، بۇ يىغىنغا خەلقئارادىكى ھەرقايسى كەسىپلەردە ئۇتۇق قازانغان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى - ئالىملار ۋە چەتئەللىك ئۇيغۇر شۇناس تەتقىقاتچى – ئالىملار ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى 2-قېتىملىق ئۇيغۇر پەن – مائارىپى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئېچىلدى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28- چىسلا شەنبە كۈنى سائەت 17:30 – 09:15 ئارىلىقىدا ئىستانبۇل تاكسىم ئىستىقلال كوچىسى شاھ قۇلى بوستانى تارماق كۇچىسى 8-نۇمۇردىكى تارىخ زەپەر تۇنايا مەدەنىيەت مەركىزى يىغىن زالىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى 2-قېتىملىق «ئۇيغۇر پەن-مائارىپى بۇگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى» تىمىلىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى.
بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى پەخىرى رەئىسى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ۋە داڭلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن قاتارلىق ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئالىملار بۇلۇپ يۈزگە يېقىن ئۇيغۇر زىيالىيسى قاتناشتى .
چەتئەلدە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندا تەشكىللىنىپ قۇرغان ئىلمىي جەمىئىيتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى (خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار جەمىئىيىتى) ھازىر گەرچە دۇنيادىكى دۆلەت ئاكادېمىيىلىرىگە ئوخشاش ئىقتىسادىي ۋە كەسپىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولمىسىمۇ، بۇ ئۇيغۇرلار كۆزلىگەن تەرەققىيات ئۈچۈن بېسىلغان تۇنجى قەدەمدۇر. قىسقىغىنا بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى 2 قېتىم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ئەقىللىق بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئەركىن سىدىق، رىشات ئابباس، نەبىجان تۇرسۇن، ئالىمجان ئىنايەت، مەمەت ئىمىن، ئەركىن ئەكرەم، ئەركىن ئەمەت، مۇھەببەت كامال، تاش مۇھەممەت ۋە مۇرات ئورخۇنغا ئوخشىغان ۋەتىنىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئۇرۇن ئېلىپلام قالماي، بەلكى ئۆزى ئىشلەۋاتقان دۆلەتلەردە ئىزچىل تۈردە تۆھپىلىرىنى قېتىپ، ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن تارىخىنىڭ ئۆچمەس بەتلىرىگە ئۇيغۇر ئىسمىنى جۇلالاتقان ئاكا-ھەدىلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ بەرگىنىدىن تەسىرلەنمەي تۇرالمايمىز.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تۇنجى ئۇمۇمىي يىغىنى ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى.
2010-يىلى 8-ماي شەنبە سائەت 09:45 – 13:00 ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تۇنجى ئۇمۇمىي يىغىنى ئىستانبۇلدا ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى.
2010-يىلى 9-ماي يەكشەنبە سائەت 14:00 -19:00 ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى «ئۇيغۇر پەن-مائارىپى بۇگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى» تىمىلىق تۇنجى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تۇنجى ئۇمۇمىي يىغىنى قىسقىچە كۈن تەرتىپى بۇيۇنچە
1. ئۇ ئا قۇرۇلغاندىن كېيىنكى خىزمەت ۋە پائالىيەتلەر دوكلات بىرىلدى.
2. ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى 9 كىشىلىك يېڭى رەھبەرلىك ھەيئەتلىرى دېمىكراتىك ئۇسۇلدا سايلاپ چىقىلدى.
3. ئۇ ئا يېڭى ھەيئەت ۋە ئەزالىرى بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى كەلگۈسى يول خەرىتىسى بىكىتىلدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تۇنجى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
2010-يىلى 9-ماي يەكشەنبە سائەت 14:00 -19:00 ئارىسىدا ئەمىن ئۈنى خەلىق تەلىم-تەربىيە زالىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى «ئۇيغۇر پەن-مائارىپى بۇگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى» تىمىلىق تۇنجى خەلقئارالىق ئانا تىلىمىزدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى. 200 دەك كىشى قاتناشتى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تۇنجى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى قىسقىچە كۈن تەرتىپى بۇيۇنچە
1. ئۇيغۇر پەن – مائارىپى بۇگۈنكى تەرەققىيات ئەھۋالى
2. ئۇيغۇر پەن – مائارىپى كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن قىلىشقا تىگىشلىك ۋە قىلالايدىغان خىزمەتلەر
3. ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر دوكتۇر ۋە زىيالىي ۋەكىللەرنىڭ ئۆز كەسپى ساھەسىدىكى يېڭىلىقلار ۋە ئۆز كەسپىدىكى تەتقىقاتى
قاتارلىق تىمىلاردا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىپ ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان ۋە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا چەكسىز ئىشەنچ ۋە جاسارەت بېرىلدى.
بۇ پائالىيەتلەر توغرىسىدا قىممەتلىك پىكىرلىرىڭىز بولسا ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى ھەر زامان ئۇنى ئاڭلاشقا ھازىر.
ئالاقە ئۇچۇرلىرى:
TEL : 0090 212 589 76 67
E-mail: uyghuracademy@gmail.com
- ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى
ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى ئۇيغۇر پەن-مائارىپى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى -2
2010- يىلى 8-ئاينىڭ 28- چىسلا شەنبە كۈنى سائەت 18:15 – 09:15 ئارىلىقىدا ئىستانبۇل تاكسىم ئىستىقلال كوچىسى شاھ قۇلى بوستانى تارماق كۇچىسى 8-نۇمۇردىكى تارىخ زەپەر تۇنايا مەدەنىيەت مەركىزى يىغىن زالىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى 2-قېتىملىق «ئۇيغۇر پەن-مائارىپى بۇگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى» تىمىلىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ.
İSTANBUL TAKSIM TARIK ZAFER TUNAYA KÜLTÜR MERKEZİ
Adrisi: İstiklâl Caddesi, Şahkulu Bostanı Sokak, No:8, Tünel, Taksım/ Beyoğlu. Tel: 0 212 -293 12 70
بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى پەخىرى رەئىسى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ۋە داڭلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن قاتارلىق 20 دۆلەتتىن كىلىدىغان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئالىملار قاتنىشىدۇ.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايۇنلىرىدىن بۇ ئىككى كۈنلۈك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىشنى خالىغان ياكى كىلىشكە ئىمكان بولماي ماقالە تەييارلاپ ئەۋەتىشنى ئۈمىد قىلغان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى-ئالىملار ۋە ئۇيغۇر دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ماقالىللىرىنى ئەۋەتىپ بۇلىشنى تەلەپ قىلىمىز.
TEL & Fax : 0090-212 589 76 67
E-mail: uyghuracademy@gmail.com
- ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى
ئۇيغۇر ئۈمۈت كۇماندىسى ئۆزبېكىستان كۇماندىسىنى يېڭىپ 4 كۈچلۈككە كىردى!!!
ئۇيغۇر ئۈمۈت كۇماندىسى ئۆزبېكىستان كۇماندىسىنى زور پەرق بىلەن يىڭىپ 4 كۈچلۈككە كىردى. مۇسابىقە جىددى ۋە قاتتىق بولدى.
بۇ قېتىمقى 24 دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان، 28 كۇماندا مۇسابىقىسى ئىستانبۇلدا ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىلار ئىچىدە كۆلىمى ۋە تەسىر دائىرىسى ئەڭ چوڭ بۇلۇپ، ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان 50 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىززىق نوقتىسى.
بۇ مۇسابىقە 7 كىشىلىك كىچىك مەيداندا ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇپ، مۇسابىقە رىتىمى بەك تىز، تېخنىكىلىق ماھارىتى خىلىلا يۇقىرى. 3 يىللىق ئۆزلۈكسىز جاپالىق مەشىق نەتىجىسىدە مۇشۇ نەتىجىلەرگە ئىرىشتى.
تەپسىلاتى:
1. 4 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقە نەتىجىسى (5-ئاينىڭ 1- كۈنى، شەنبە سائەت 13:00)
ئۇيغۇر ئۈمۈت 12 – 0 ئۆزبېكىستان
2. 8 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقە نەتىجىسى
(5- ئاينىڭ 1- كۈنى، شەنبە سائەت 13:00 )
ئۇيغۇر ئۈمۈت 14 - 1 مۇڭغۇلىيە
ئۇيغۇر ئۈمۈت كۇماندىسى 8 كۈچلۈكتە…
ئۇيغۇر ئۈمۈت پۇتبۇل كۇماندىسى 2007-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى تۈركىيە دۆلەت بايرىمى كۈنى ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۇلۇپ، 3 يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار پۇتبۇل كۇماندىللىرى بىلەن مۇسابىقە ئويناپ يېڭىپ، ئۇيغۇرلارنى تۈركلەرگە ۋە باشقا دۆلەتتىن كەلگەن چەتئەللىكلەرگە تۇنۇتۇشتا ئەھمىيەتلىك رول ئويناپ كەلمەكتە. 2008-يىلى 5-ئايدا 22 دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان كىچىك دۇنيا پۇتبۇل لۇڭقىسىدا 8 كۈچلۈككە كىرگەن ئىدى. 2009-يىلى 16 دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان كىچىك دۇنيا لۇڭقىسىدا 3 – بولۇپ ئۇيغۇرلارغا شان – شەرەپ كەلتۈرگەن ئىدى.
